• سەبۇرى ئىلان مۇلازىمىتى ھەققىدە


             ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە بلوگلىرىنىڭ كۈندىن كۈنگە ئاۋۇپ ، بىردىن ئونغا ، ئوندىن يۈزگە كۆپىيىشى نەتىجىسىدە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىۋاتىدۇ . تېخى ئالدىنقى كۈنى ئۇيغۇر بلوگلىرىنىڭ سەركەردىسى بولغان 80 خالتا تورى بىر مىلىيۇن زىيارەت سانىنى تاماملاپ ، بىزگە زور ئۈمد بەخىش ئەتكەندى .

  • بىزنىڭ ئەمگەك مېۋىمىز


             ئۇيغۇرتېكىن بلوگى دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كېيىن ، ئۆزىنىڭ خاسلىقى بويىچە بىر خىل رىتىمدا ئىلگىرلەپ كەلدى . ئىجادىيەت بلوگى بولغاچقا ، بەزى يازمىلاردىن يەنى بلوگ خاراكتىرىگە ماس كەلمەيدىغان يازمىلاردىن ساقلاندى ۋە يوللانمىدى . يازما يوللاشتىكى پىرىنسىپ ۋە ئۆزىنىڭ بەلگىلىمىسگە قاتتىق رىئايە قىلىپ كەلدى . ئەمدى ، بلوگ ياساش ھەممە بلوگگىرلارغا ئايان ئىش . ھەممىمىز 0 دىن باشلىغان ئىدۇق .

  • ئۆزنى ياخشى كۆرۇش پۇرسىتىگە ئىرىشىش


               قۇياشنىڭ غەمكىن نۇرى كۈلبەمنى ئاستا يۇرۇتتى . مەن ئاستا بېشىمنى كۆتۈردۈم . قارىسام مەن كەپەم ئالدىدا تۇرۋاتاتتىم . چۈشۈمدىكى بارچە دۇنيا كۆز ئالدىمدا نامايەن بولۇش ئالدىدا ، ھىلى ئۇچۇپ كېتىدىغان قۇشتەك ، ھىلى مىلتىق ئىستىۋۇلدىن چىقىپ كېتىدىغان بىر پاي ھاياتلىق ئوقىدەك شۇنداق جىددىي كەيپىياتتا ئىدىم . يۈرىكىم تېنىمگە قاپسىلىپ قالغان . پۈتۈن دۇنيانىڭ گۈزەل بىقىشلىرىنى قۇبۇل قىلىپ ، ئۆزۈمگە قايتىدىم بىر قاراپ چىقتىم . شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنى قايتىدىن بىر ياخشى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم .

  • ئۆزىمىزگە نەزەر


             ئادەم ئاتىنىڭ چەكلەنگەن مېۋىنى يېيىشىدىن باشلىنىپلا ئادەم گۇناھ ئىچىدە يەنى زىيان ئىچىدە ياشاشقا باشلىغان . ھەم قۇرئان كەرىمدىكى ئادەم بالىسىنىڭ زىيان ئىچىدە ياشايدىغانلىقى قەيىت قىلىنغان . مەن نۇرغۇن كىشىلەرنى كۆردۈم . ئوخشىمىغان ئىرىقتىكى ، ئوخشىمىغان تىل ۋە ئىدىلوگىيە سىسىتىمىسىكى كىشىلەر بىلەن يۈز تۇرانە ۋە ئلىخەت ئارقىلىق كۆرۈشتۈم ۋە ئاقىلاشتىم ۋە ئالاقىلىشىپ تۇراۋاتىمەن . ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن كىشىلەر مېنى تۇرمۇش قاينىغا سۆرەپ كىرمەكتە .

  • خوشلىشىش


    ساڭا خوش دېدىم
    ئۇزاپ كەتتى مەندىن يۇلتۇزلار .
    مەن قەدىمىي ۋۇگزال
    سوزۇلۇپ چىقماقتا تېنىمدىن
    سەن ئولتۇرغان تۇمان رەڭ پويىز .

  • كەڭ بلوگگىرلارغا


               ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، ئۇيغۇر بلوگگىرلىرى ؟ ئۇيغۇرتېكىن ئۇلىنىش ئائىلىسى ئىلان قىلىنغاندىن كېيىن ، كەڭ بلوگگىرلارنىڭ قىزغىن قوشىۋىلىشى ۋە بلوگلىرىنى تىزىملىتىشى بىلەن ھازىرقى ھالىتى شەكىللەندى . بلوگ ئۇسلۇبى نىسبەتەن ئاددى ، ئازادە بولشتەك خاسلىقى ۋە ئېچىلىش سۈرئىتىنىڭ تېز بولىشى بىلەن كەڭ بلوگگىرلارنىڭ ياقتۇرشىغا ئىرىشتى . ئۇيغۇرتېكىن بلوگىنىڭ ئۆز ئالدىغا بىر ئۇلىنىش بلوگى ئىلان قىلىنىشى ئۇيغۇرتېكىن بلوگىنىڭمۇ بالىلىقتىن بىر قەدەر پىشىپ يېتىلىشكە قاراپ ماڭغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .

  • سۇنىڭ كەينى


    ئىشىكنىڭ كەينىدىكى سايەمنى
    باشلاپ كىرمەكچى بولىمەن ئىچىمگە .
    ئىچىمنى چۆل باشقان
    ئامالسىزمەن ئۆلۈمگە .

  • ئالىم ئەركىن سىدىق ئاكىنى زىيارەتتىن ھاسىلات


               ئەگەر بىر ئالىم بىر مىللەتكە تەۋە دىېيىلسە بۇ سەل ئالدىراقانلىق ھىسابلىنىشى مۇمكىن . چۈنكى ئۇنىڭ قىلغان پۈتۈن ئىنسانىيەت ھۆرلىكى ۋە مەنپەئىتى بىلەن زىچ بىرلەشكەن چاغدا ئۇ ئالىم بىر مىللەت ، بىر دۆلەت ، بىر رايۇندىن ھالقىپ چىقىپ ، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ بايلىقىغا قېتىلىپ ، جاھانغا تەۋە بولىدۇ . مانا بۇنىڭ تېپىك مىسىالى - ئەركىن سىدىق ئاكىمىزدۇر .